پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر قانداق بىر ئەمەلنىڭ نىيەتكە كۆرە ئىتىبارغا ئېلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ ئىبادەت، مۇئامىلات قاتارلىق ھەممە ئەمەللەردە شۇنداق بولىدۇ. كىمكى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلى بىلەن بىرەر مەنپەئەتنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلىگە ساۋاپ بېرىلمەيدۇ لېكىن ئۇ كىشى مەقسەت قىلغان مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ. كىمكى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلى بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى، ئاللاھقا يىقىنلىشىشنى مەقسەت قىلسا، گەرچە قىلغان ئەمىلى يىمەك-ئېچمەككە ئوخشاش ئادەتتىكى ئىشلاردىن بولسىمۇ نىيىتى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن كاتتا ئەجىر-ساۋاپقا نائىل بولىدۇ. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نىيەتنىڭ كۆرۈنۈشتە ئەمەل بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ ئۇنىڭ ئەمەلگە كۆرسۈتىدىغان تەسىرىنى بايان قىلىپ بەردى، ۋە يەنە: بىر كىشى ئۆز ۋەتىنىنى تەرك قىلىپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىش مەقسىتىدە ھىجرەت قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ھىجرىتى شەرىئەتتە قوبۇل قىلىنىدىغان ھىجرەت بولۇپ، نىيىتىدىكى سەمىمىيەتكە كۆرە ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ. بىر كىشى دۇنيا مەنپەئەتىنى مەقسەت قىلىپ مال-دۇنيا، يۈز-ئابرۇي، تىجارەت ياكى توي قىلىشتىن ئىبارەت مەقسەتلەر بىلەن ھىجرەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قىلغان ھىجرىتىدىن پەقەت مەقسەت قىلغان نەرسىگە ئېرىشىدۇ. يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا ئۇ كىشىنىڭ ئەجىر-ساۋاپتىن نەسىۋىسى بولمايدۇ.