جاھىلىيەتتە دەلىلگە تايانمايدىغان ۋەھىمىلەر ۋە خۇراپىيلىقلار ئەۋج ئالغان بولغاچقا ئىسلام ئەگەشكۈچىلەرنى بۇنداق قۇرۇق گەپلەردىن ساقلاشنى ئىرادە قىلىپ، ھەدىستە بايان قىلىنغان بۇ ئىشلاردىكى مۇشرىكلارنىڭ ئېتىقادىنى ئېنكار قىلدى، ئۇلارنىڭ قۇشلار بىلەن شۇم پال ئېلىشقا ئوخشاش بەزىلىرىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقاردى، يەنە بىر قىسىملىرىنىڭ بىۋاستە تەسىرىنى ئىنكار قىلدى، چۈنكى ياخشىلىقلارنى پەقەت ئاللاھلا كەلتۈرىدۇ ۋە يامانلىقلارنىمۇ پەقەت ئاللاھلا قايتۇرىدۇ