جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە فەتھى بولغان يىلى بىر سەپەردە ئېدى، كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە توپلىشىۋالغىنىنى ۋە بىر ئادەمنىڭ ئولتۇرۇپ سايىدىنىۋاتقىنىنى كۆردى (ئىبنى جەرىرنىڭ رىۋايىتىدىمۇ مۇشۇنداق كەلگەن)، پەيغەمبىرىمىز ئۇ كىشى ھەققىدە سورىۋىدى، ئۇلار: ئۇ روزىدار ئىكەن، ئۇسسۇزلۇق ئۇنى مۇشۇ ھالغا كەلتۈرۈپتۇ، دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ھەممىدىن رەھىمدىل ئېسىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەقىقەتەن سەپەر ئۈستىدە روزا تۇتۇش ياخشىلىقتىن ئەمەس، لېكىن سىلەر ئاللاھ تائالا سىلەرگە بەرگەن رۇخسىتىنى چىڭ تۇتۇڭلار! ئۇ سىلەرنى ئىبادەتكە بۇيرۇغاندا ئۆزۈڭلارنى قىيناشنى ئىرادە قىلمىدى، دېدى. تەيسىيرىل ئەللام (327- بەت)، تەنبىھۇل ئەفھام (3- توم،434- بەتلەر)، تەئسىسۇل ئەھكام (3- توم،244- بەت)