ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر بېرىپ دەيدۇكى: ئۇلار بىر رامىزان ئېيىدا سەپەرگە چىققان ئىدى، ئۇ سەپەر ناھايتى قاتتىق ئىسسىق ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بولۇپ، ھەتتاكى ئىسسىقنىڭ قاتتىقلىقىدىن كىشىلەر باشلىرىنى ئىسسىقتىن ھىمايە قىلىش ئۈچۈن قوللىرىنى باشلىرىغا قويۇۋالاتتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئەنسارىلاردىن بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن باشقا ھېچكىم روزا تۇتمىغان ئىدى، ئۇ ئىككەيلەن مۇشۇ قېيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىپ روزا تۇتتى. بۇ سەپەردە مۇشەققەت بىلەن بولسىمۇ، ھالاكەتكە ئېلىپ بارمايدىغانلام بولسا، روزا تۇتۇشنىڭ جائىزلىقىنى بىلدۈرىدىغان دەلىللەردىندۇر. تەيسىيرىل ئەللام 327- بەت، تەنبىھۇل ئەفھام 3- توم 432- بەت، تەئسىسۇل ئەھكام 3- توم241- بەت