ساھابىلەر رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن سەپەرگە چىققان ئىدى. بەزىلەر روزا تۇتقان، يەنە بەزىلەر روزا تۇتمىغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ھەر ئىككىلىسىنىڭ قىلغانلىرىنى توغرا سانىدى. ئۇلار ئىسسىق تومۇزنىڭ كۈن تىكلەشكەن ۋاقىتلىرىدىن بىرىدە دەم ئېلىش ئۈچۈن كارۋاننى توختاتتى. روزا تۇتقۇچىلار ئۇسسۇزلۇق ۋە ئىسسىقتىن ئۆزلىرىنى تاشلىۋەتتى، ئۇلار ھالىدىن كەتتى، روزا تۇتمىغانلار ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، چىدىرلارنى تىكىپ بەردى، ۋە تۆگىلىرىنى سۇغۇرۇپ بەردى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ قوشۇنغا ۋە قېرىنداشلىرىغا قىلغان بۇ ئىش-ھەركەتلىرىنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ: بۈگۈن روزا تۇتمىغۇچىلارمۇ ساۋاپ-ئەجرىگە ئېرىشتى، دېدى