ئىت دېگەن، پەسكەش نىجىس ھايۋانلارنىڭ قاتارىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پاك شەرەپلىك شەرىئەت ئۇنىڭدىكى زىيان-زەخمەت تۈپەيلىدىن بېقىشتىن چەكلىدى. چۈنكى ئۇنداق قىلغاندا، كەرەملىك پاك پەرىشتىلەر ئىت بار ئۆيدىن يىراق بولىدۇ. يەنە باشقىلارنى قورقۇتۇش ۋە نىجىسلىقىنىڭ سەۋەبلىرىدىن، ئۇنى بېقىش ئەقىلسىزلىققا دالالەت قىلىدۇ. ھەممىدىن يامىنى ئۇنى باققان كىشىنىڭ ساۋابىدىن ھەر كۈنى نۇرغۇن ساۋاپ كەملەپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ مىقدارىنى ئىككى قىرات دەپ يېقىنلاشتۇرۇپ بەردىيۇ، ئەمما بۇنىڭ ھەقىقى ھەجمىنى ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئادەم ئۇنى بېقىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا ئاسىلىق قىلغان بولىدۇ. ئەگەر ئىت بىقىشقا بىرەر ھاجەت بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئەھۋال ئاستىدا دۇرۇس بولىدۇ: بىرىنچىسى: بۆرىدىن ۋە ئوغرىلاپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىدىغان قويلارنى ھىمايە قىلىش. ئىككىنچىسى: ئېتىزلىقنى قوغداش. ئۈچىنچىسى: ئۇ ئىت بىلەن ئوۋچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىش. بۇ مەنپەئەتلەر سەۋەبىدىن، ئۇنى بېقىش دۇرۇس بولىدۇ، ۋە ئىگىسىدىن مالامەت كۆتۈرۈلىدۇ