ئۇدەي ئىبنى ھاتەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئوۋغا ئۈگۈتۈلگەن ئىت بىلەن ئوۋلانغان نەرسىنىڭ ھۆكمىنى سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: ئىتىڭنى «بىسمىللاھ» دەپ قويۇپ بەرسەڭ، ئىتىڭ بىلەن باشقا ئىتلار بولمىسا ئۇنى يىگىن، ئەگەر ئىتىڭ بىلەن باشقا ئىتلار بولسا ئۇنى يىمىگىن، چۈنكى سەن ئىتىڭغىلا «بىسمىللاھ» دېدىڭ باشقىلارنىڭ ئىتىغا «بىسمىللاھ» دېمىدىڭ. يەنە شۇنىڭدەك نەيزە ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن ئوۋلىساڭ، نەيزە ئۈچى ئوۋغا كىرىپ قان ئاققۇزسا «بىسمىللاھ» دېگەن بولساڭ يىگىن، ئەگەردە نەيزىنىڭ يان تەرىپى تىگىپ ئۆلگەن بولسا يىمىگىن، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن، «ئىگىزدىن» يىقىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. ئىتنى قويۇپ بەرگەندە ئوۋنى تىرىك تۇتسا ئوۋنى بوغۇزلاش ۋاجىب، ئۇ ۋاقىتتا باشقا ئىتلار ئوۋ يېنىدا بىللە بولسىمۇ بوغۇزلاش بىلەن ھالال بولىدۇ، دېدى. يا ئوقى بىلەن ئوۋلاش توغرىسىدا سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ جاۋاب بېرىپ، ئەگەردە «بىسمىللاھ» دەپ ئوقنى ئاتقان بولسا، ئۇنى يىسە بولىدۇ، ئەگەردە ئاتقان ئوۋنى بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن تاپسا، ئۇنىڭدا ئوقىنىڭ بەلگە نىشانى بولسا يېيىش دۇرۇس، ئەمما سۇغا چۈشكەن بولسا، ئۇنى يىمىسۇن، چۈنكى ئۇ سۇدا ئولدىمۇ ياكى يا ئوقى بىلەن ئولدىمۇ ئۇنىسى نامەلۇم