يۇقىرىدىكى ھەدىس توۋەندىكىكلەرنى ئۇقتۇرغان: ئوۋچى يا ئوقى بىلەن ۋەياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەر بىلەن ئوۋنى ئېتىپ چۈشۈرگەندە ئۇنى تاپالماي قالسا، بىر مۇددەتتىن كېيىن ئىزدەپ تاپقاندا قاراش كېرەك، ئوۋدا ئۆزىنىڭ يا ئوقىنى كۆرسە يىسە بولىدۇ. ئەمما ئوۋ بۇزۇلۇپ گۆشلىرى ئېچىپ قالغان بولسا ئۇنى يېيىش دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئوۋ گۆشى مەينەت نەرسىلەر قاتارىدا سانىلىدۇ، ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەت بۇنى چەكلەيدۇ