رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى زەينەپ ۋاپات بولغاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇنى يۇيۇۋاتقانلارنىڭ قېشىغا كىردى، ئۇلارنىڭ قاتارىدا ئۇممۇ ئەتىييە ئەلئەنسارىيە بار ئىدى، زەينەپ بۇ دۇنيادىن پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىغا پاكىز بېرىش ئۈچۈن ئۇلارغا يۇيۇش قائىدىلىرىنى ئۆگەتتى. يۇيۇشنىڭ قېتىم سانى تاق بولۇش ئۈچۈن: ئۇنى ئۈچ قېتىم ياكى بەش قېتىم يۇيۇڭلار دېدى. ئەگەر بەشتىن كۆپرەك يۇيۇشقا ئېھتىياج بولسا، يەنىلا تاق قىلىشقا بۇيرىدى. مېيىتنىڭ بەدىنى پاكىز ۋە چىڭ بولۇش ئۈچۈن سۇغا سىدىر ئارلاشتۇرۇڭلار، ئاخىرىقى يۇيۇشتا كاپۇرنى ئارلاشتۇرۇڭلار، يەنە كاپۇر مېيىتنىڭ جىسمىنى چىڭىتىدۇ، ھاشارەتلەردىن يىراقلاشتۇرىدۇ. شەرەپلىك ئەزالاردىن باشلاپ يۇيۇشنى تەۋسىيە قىلدى، ئوڭ تەرەپتىن ۋە تاھارەت ئالىدىغان ئەزالاردىن باشلاشقا بۇيرىدى. يۇيۇپ بولغاندا خەۋەر قىلىڭلار دېدى. ئۇلار خەۋەر قىلدى، رەسۇلۇللاھ كېلىپ مۇبارەك بەدىنى تەگكەن ئىزارىنى زەينەپكە قەبرىدە بەرىكەت ۋە بەلگە بولسۇن ئۈچۈن كېپەن قىلىشقا بەردى.مېيىت يۇغۇچى ئاياللار زەينەپنىڭ چېچىنى ئۈچ ئۆرۈم قىلىپ ئۆرىدى، ئۈستى تەرەپنى بىر ئىككى يان تەرەپنى ئىككى ئۆرۈم قىلدى، چاچلىرىنى ئارقا تەرىپىدە قويدى