بۇ ھەدىستە مېيىت يۇغاننىڭ ۋە مېيىت بەدىنىدە بىرەر ئەيىپنى كۆرسە ئۇنى يوشۇرغاننىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنىدۇ، مېيىتتىن كۆرۈلگەن ياقتۇرۇلمايدىغان ئىشلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچى تۈرى، مېيىتنىڭ ئۆز ھالىتىگە ئالاقىدار بولغىنى، ئىككىنچى تۈرى: مېيىتنىڭ بەدىنىگە ئالاقىدار بولغىنىدۇر. بىرىنچىسى: ئەگەر مېيىتنىڭ چىرايىدا ئۆزگۈرۈشنى، رەڭگىنىڭ قارىداپ، شەكلىنىڭ سەتلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە، بۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر، ئاللاھ ھەممەيلەننى بۇنداق ئاقىۋەتتىن ساقلىسۇن، مېيىت يۇغۇچىنىڭ باشقىلارغا: مەن پالانىنى يۇغاندا ئۇنىڭدا مۇنداق، مۇنداق سۈپەتلەرنى كۆردۈم دەپ ئۇنىڭ يامان سۈپەتلىرىنى سۆزلەپ بېرىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارىنىڭ تەرىپىگە يول ئالغان، ئۆزىگە مۇناسىپ پەزىلەت ياكى ئادالەت بىلەن جازالىنىدىغان كىشىنىڭ ئەيىۋىنى ئېچىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىككىنچىسى: مېيىتنىڭ ئۇچىسىدا بىرەر ئەيىپنى كۆرگەن بولسا، ھاياتىدا ئۇنى كىشىلەردىن يوشۇرغان بولسا، يوشۇرغۇچىغا قىرىق نۆۋەتلىك كەچۈرۈمدىن ئىبارەت كاتتا ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ