explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەسىر نامىزىنى قەستەن ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ ئادا قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى ۋە بۇنداق قىلغان كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقى ھېچ قانداق ساۋاپقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • ئەسىر نامىزىنى دەل ۋاقتىدا ئادا قىلىش ۋە بۇنىڭغا ئالدىراشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
  • ئەسىر نامىزىنى تەرك قىلغان كىشىنىڭ قاتتىق ئازابقا ئۇچرايدىغانلىقى، بۇ نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋېتىشنىڭ جىنايىتى باشقا نامازلارنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەندىن ئېغىر بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. چۈنكى ئەسىر نامىزى بولسا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مەخسۇس بۇيرىغان ئوتتۇردىكى نامازدىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿‏حَافِظُواْ عَلَى الصَّلَوَاتِ والصَّلاَةِ الْوُسْطَى﴾‏ تەرجىمىسى: «(بەش) نامازغا بولۇپمۇ نامازدىگەرگە ئەھمىيەت بېرىڭلار (يەنى پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىڭلار).» [سۈرە بەقەرە 238-ئايەت].