بۇ ئىككى ھەدىس ئاجىزلار ئۈممەتنىڭ غەلبە قىلىشى ۋە رىزىققا ئېرىشىشىنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئىنسان ئۇلارغا كۆيۈنۈپ، مېھرىبانلىق قېلىپ، ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئاتا قىلغان نەرسىلەردىن ئۇلارغا بەرسە بۇ ئىش دۈشمەن ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ۋە رىزىققا ئېرىشىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ رەببى ئۈچۈن سەرپ قىلغان نەرسىسىنى تولۇقلاپ برىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «(ئاللاھنىڭ يولىدا) بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ ئورنىنى ئاللاھ تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر» سەبەئ سۈرىسى 39-ئايەت، يەنى: ئۇنىڭ ئورنىغا باشقىسىنى بېرىدۇ