بۇ ھەدىستە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرشۈشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنغان. «بۇ ئىشلار {تفاعل} سىيغىسى ئىپادىلىگەندەك ئىككى تەرەپتىن سادىر بولۇپ، ماددى مەنپەئەت ئۈچۈن، غەرەزلىك ئەمەس، بەلكى پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈنلا بولغاندا پەرۋەردىگارنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرشىدۇ. بۇ ئىشنىڭ ناھايىتى شەرەپلىكىدىن مۇكاپاتىمۇ كاتتا بولغان. يەنە بىر ھەدىستە : «كىم ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن) ياخشى كۆرسە ۋە ئۆچ كۆرسە، ئاللاھ رىزالىقىنى دەپ پۇل-مال بەرسە ۋە چەكلىسە ئۇ كىشى ئىمانىنى پۈتۈنلىگەن بولىدۇ» دېيىلگەن. بۇ ھەدىستە: ئاللاھ بىلەن قەسەم، مەن ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن سىلىنى ياخشى كۆرىمەن، دېگەندە، ئاللاھ بىلەن قەسەممۇ؟ دەپ تەكىتلەپ سورىغانلىقى، ئۇلارنىڭ تىلىدا قەسەم سۆزنى ئېنىقلاش، تەكىتلەش، تەكىتلەشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىغا دەلىلدۇر. «ئۇ مېنىڭ كىيىمىمنىڭ پىشىدىن تۇتۇپ» دېگەن سۆزدىن چاپاننىڭ ئىككى پىشىنى مەقسەت قىلغان. «ئۆزىگە تارتتى» دېگەن سۆزدىن يېقىنلاشتۇرۇش، چىقىشىش، سۆزىنى قوبۇل قىلىش ۋە بۇ ئىشلارنى قىلغان كىشىگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى بىلەن خۇش-بىشارەت بېرىشنى مەقسەت قىلغان. مۇئاز ئىبنى جەبەل ئۇنىڭغا: «خۇش-بىشارەت ئال!، چۈنكى مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ :«ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم» دېگەن ھەدىس ئارقىلىق، بۇ يەردە بىشارەت بەرگەن سۆزنى راس سۆزلۈگۈچى ۋە راس سۆز ئېلىپ كېلىنگۈچى رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھ تائالادىن ھەدىس بايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەبۇ ئىدرىس ئەلخەۋلانىنى ئىشەندۈرۈمەكچى بولغان، چۈنكى بۇ سۆزنى مۇئاز رەسۇلۇللاھتىن، رەسۇلۇللاھ ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان، مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزى ئىجتىھاد قىلىپ دېمىگەن. «ئۇلارغا مۇھەببىتىم ۋاجىب بولدى» دېگەن سۆزدىن مەقسەت: مۇھەببىتىم ئۇلارغا مۇستەھكەم بولدى، دېمەكچى. «رازىلىقىمنى كۆزلەپ بىرـ بىرىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە، مېنىڭ رازىلىقىمنى كۆزلەپ بىللە ئولتۇرغانلارغا» دېگەن سۆزدىن مەقسەت، ئۇلارنىڭ ئولتۇرۇشى ئاللاھ تائالانى ئەسلەش، شەرىئەت ئەھكامىنى تۇرغۇزۇش، ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىدە تۇرۇش، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش، شەرىئەتلىرىنى قوغداش، بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ چەكلىمىلىرىدىن يېنىشتا ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولغان، دېمەكچى. ئاللاھ تائالانىڭ: «مېنىڭ رازىلىقىمنى كۆزلەپ بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىشقانلار» دېگەن سۆزدىن، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىشى پەقەت تائەت ئىبادەتتە ھەمكارلىشىش، ئۆز-ئارا دوسلۇشۇشتا ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى، مۇھەببىتىنى، ساۋابىنى كۆزلەپ بولغانلىقى مەقسەت قىلغان. «مېنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈن بىغىشلاشقانلارغا» دېگەندىن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى دەپ ياۋلارغا قارشى قىلىنغان جىھادلارغا جىنىنى بىغىشلىغان، شەرىئەت بۇيرۇغان ياخشى ئىشلارغا، ئىھتىياجلىق كەمبەغەللەرگە چىقىم قىلغاننى مەقسەت قىلغان