پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام لەپزى قىسقا، كۆپ مەنالارنى ئۆز ئېچىگە ئالغان دۇئالارنى كۆپ قىلاتتى. ئۇ دۇئالاردىن: «ئى ئاللاھ! بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» بۇ دۇئا دۇنيانىڭ ياخشىلىقلىرىدىن بولغان: ھالال كەڭرى رىزىق، سالىھە ئايال، كۆڭلى خۇرسەن بولىدىغان، راھەتلىنىدىغان پەرزەنت، مەنپەئەتلىك ئىلىم، ياخشى ئەمەل قاتارلىق دۇرۇس بولغان ۋە ياخشى كۆرۈلىدىغان ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن: قەبىردىكى، قىيامەت مەيدانىدىكى ۋە دوزاختىكى ئازاپلاردىن سالامەت قىلىش، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش، دائىملىق نېمەتلەر بىلەن ئۇتۇق قازىنىش، ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان مېھرىبان ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش قاتارلىقلاردۇر.