پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئوڭ قولىدا يىپەكنى، سول قولىدا ئالتۇننى تۇتۇپ تۇرۇپ: «بۇ ئىككى نەرسە يەنى ئالتۇن بىلەن يىپەك ئۈممىتىمنىڭ ئەرلىرىگە ھارام قىلىندى، دېدى. بۇ ئۈممەتنىڭ ئەرلىرىگە يىپەك كىيىم ۋە ئالتۇن بۇيۇملارنى ئىستىمال قىلىش چەكلەندى. پەقەت بەدىنىدە قىچىشقاق ياكى قوتا كېسىلى بولغان كىشىلەر باشقا ئامال قىلالمىسا ساقىيىپ بولغۇچە يىپەك كىيىملەرنى كىيسە، بۇرنى كېسىلگەن كىشىلەر ئالتۇندىن بۇرنىنى قاپلاتتۇرسا بولىدۇ. ئەمما ئالتۇن بىلەن يىپەك ئاياللارغا دۇرۇس قىلىندى. ئاياللار ئىسراپ قىلماستىن يىپەك كىيىملەرنى كىيسە ۋە ئالتۇن بۇيۇملارنى ئىشلەتسە بولىدۇ. ئىسراپ قىلىپ، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئىسراپ قىلماڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ.» ئەئراپ سۈرىسى 31-ئايەت