ئىسلام دىنىنىڭ ئاسانلىقىدىن: رۇخسەت قىلىنىش سەۋەپلىرى تىپىلسا بەزى چەكلەنگەن نەرسىلەرنىمۇ ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىدۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زۇبەير ۋە ئابدۇراھمان قاتارلىق ساھابىلارغا يىپەك كىيىم كىيىشكە رۇخسەت قىلغان، چۈنكى يىپەك پىتنى يوق قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا يىپەكتە بەدەن پىتلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان شۇنداق بىر خۇسۇسىيەتنى قىلغان، شۇنىڭدەك يىپەك كىيىم قىچىشقاق بولۇپ قالغان كىشىگىمۇ ياخشى كېلىدۇ