ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئىنساننىڭ ئۆز قولى بىلەن ئىشلىشى كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى سورىغىنىدىن ياخشىدۇر، ئۇلار خالىسا بېرىدۇ، خالىسا بەرمەيدۇ، ئارغامچىسىنى ئېلىپ يايلاق، ئېتىزلىق ۋە ئورمانلارغا چىقىپ ئوتۇن تېرىپ، دۈمبىسىگە ئارتىپ كېلىپ سېتىپ، تۇرمۇشىنى قامداپ ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلىشى باشقىلاردىن بىر نەرسە سوراپ، خار بولغىنىدىن ياخشىدۇر، ئۇلار يا بېرىدۇ، يا بەرمەيدۇ، كىشىلەردىن بىر نەرسە سوراش خارلىقتۇر، مۆمىن دېگەن ئىززەتلىكتۇر، خار ئەمەستۇر