بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۆۋەندىكىلەرنى ئۇقتۇرغان: كىمىكى بىر مۇسۇلماننىڭ ھەققىنى يالغان قەسەم ئىچىپ ناھەق يىۋالسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاخقا مەھكۇم قىلىپ، جەننەتتىن مەھرۇم قىلىدۇ دېگەندە، بىر كىشى: ئەگەردە ئۇ نەرسە ئاز، ئاددى نەرسە بولسىمۇ شۇنداقمۇ؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر .ئەلەيھىسسالام: گەرچە ئاراك دەرىخىدىن بىر تال ھاسا چاغلىق نەرسە بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ، دېدى