پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بېر قېتىم سەپەر جەريانىدا ئەممار بىن ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى بەزى ئېھيتىياجلار ئۈچۈن بىر يەرگە ئەۋەتتى، ئۇ كىشى كېچىدە جۇنابەت بولۇپ قالدى، يۇيۇنۇش ئۈچۈن سۇ تاپالماي قالدى. جۇنابەت ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىشنىڭ ھۆكمىنى بىلمەيتتى، پەقەت كېچىك تاھارەت ئېلىشنىڭ ھۆكمىنى بىلەتتى. ئۇ كىشى ئۆز تېرىشچانلىقى بىلەن ئويلاپ تاھارەتتە يۇيىدىغان ئەزالارنىڭ بەزىسىگە توپا سۈركىدى، پۈتۈن بەدەننى سۇ بىلەن يۇيۇشقا ئاساسەن بەدىنىنى توپىغا مېلىش دەپ سۇغا قىياس قىلىپ توپىدە ئېشەك ئىغىنىغاندەك ئىغىنىدى، شۇنىڭدىن كېيىن نامازنى ئادا قىلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە ئۆزىنىڭ توغرا ياكى خاتا قىلغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بولغان ئەھۋالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا كېچىك تاھارەتتىن ۋە جۇنابەتكە ئوخشاش چوڭ تاھارەتتىن قانداق پاكىزلىنىشنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ بولسىمۇ: ئىككى قولىنى توپىغا بىر قېتىم ئۇرۇپ ئاندىن سول قولى بىلەن ئوڭ قولىنى، ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنى ئىككى ئالقىنى بىلەن يۈزىنى سىلاشتۇر.