رەسۇلۇللاھنىڭ «ماڭا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە بېرىلمىگەن خىسلەتلەر بېرىلدى» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى شۇ ئىشلارنىڭ ھىچبىرى ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەردە يۈز بەرمىگەن. «قورقۇنچ بىلەن نۇسرەت بېرىلدىم» دېگىنى، دۈشمەن مەندىن قورقۇپ، دېگەن مەنىدە. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ سالغان، كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان، توپىنى پارچىلىۋەتكەن. «زىمىن خەزىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرى ماڭا بېرىلدى» ئاچقۇچ بولسا ئېتىك نەرسىلەرنى ئاچىدىغان بىر سايمان بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە ئۇلۇشۇش تەس بولغان، توسالغۇلارنى تىپىپ چىقىشقا ۋاستە بولىدىغان نەرسىدۇر. «زېمىن» ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا دەۋلەت ۋە شەھەرلەرنى پەتھى قىلىپ بېرىش ۋەدىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن كۆچمە سۆز. «مەن ئەھمەد دەپ ئاتالدىم» ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ نام شەرىپىنى ساقلىغانلىقتىن، ساماۋى كىتابلاردا سۈپەتلەنگەن شۇ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە گۇماندار كىشىلەرگە، شەكلەنگۈچىلەرگە ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھېچبىر كىشى ئۇ ئىسىم بىلەن ئاتالمىغان. «زىمىن ماڭا پاكلۇغۇچى قىلىپ بېرىلدى» دېگىنى، سۇ تېپىلمىغاندا سۇ ئورنىدا ئىشلىتىپ تەيەممۇم قىلىش دۇرۇس قىلىندى، دېگەن مەنىدە