بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئايالنى ئىرىدىن باشقا مېيىتكە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ھازا تۇتۇشتىن چەكلىگەن، چۈنكى ئۈچ كۈن يېقىنلارنىڭ ھەققىنى بېرىشكە، قايغۇ-ھەسرەتنى تۈگۈتۈشكە يېتەرلىك. ئەمما مېيىت ئۇ ئايالنىڭ ئىرى بولسا، ئۇنىڭ ئەرلىك ھەققىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ۋە ئىددەت كۈنلىرىدە ئۆزىنى ساقلاپ تۆت ئاي ئون كۈن ھازا تۇتىشى كېرەك. ھازا تۇتۇش: ئېرى ياكى يېقىن ئۇرۇق-تۇغقىنى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنىڭ خۇش-پۇراق نەرسىلەرنى، سۈرمە تارتىشنى، زىبۇ-زىننەت ۋە چىرايلىق كىيىملەر بىلەن ياسىنىشنى تەرك ئېتىشى بولۇپ، يۇقارقى نەرسىلەرنى قەتئى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. ھازا تۇتۇش پەقەت ئىرىگىلا ۋاجىب بولۇپ، ئىرىدىن باشقىلارغا ئەگەر خالىسا ئۈچ كۈن ھازا تۇتسا بولىدۇ. ئەمما ھازا تۇتقان ئايال زىننەتلىنىش دائىرىسىگە كىرمەيدىغان رەڭلىك كېيىملەرنى كەيسە بولىدۇ. يەنە ھەيزدىن پاك بولغاندا بەدبۇي پۇراقنى يوقۇتىدىغان ئازراق نەرسىنى جىنسى ئەزاسىغا ئىشلەتسە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ زىننەتلىنىدىغان ئورۇندا دىيىلگەن خۇش پۇراق نەرسە ئەمەس