ئۇممۇ ھەبىبەنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئايال ئىلگىرى يولدىشىدىن باشقا ئادەمگە ئۈچ كۈندىن زىيادە ھازا تۇتسا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاڭلىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ، بۇ بۇيرۇقنى بىجا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلىپ، خۇشپۇراق ئارىلاشتۇرۇلغان سېرىق رەڭ ئەكەلدۈرۈپ ئۇنى ئىككى بىلىكىگە سۇۋاپ، ئۆزىنىڭ خۇشپۇراق ئىشلەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلدى. ئۇ بولسىمۇ: ئۇ ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ھەرقانداق بىر ئايالنىڭ ئۆلۈم ئۈچۈن ئۈچ كۈندىن زىيادە ھازا تۇتۇشى دۇرۇس بولمايدۇ. پەقەت ئېرى ئۈچۈن تۆت ئاي ئون كۈن ھازا تۇتىدۇ دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدى