ئىسلام دىنى كېلىپ كىشىلەردىن خۇسۇسەن ئاياللاردىن جاھىلىيەتنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈۋەتتى. جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەرلەر ئايال كىشىگە ناچار مۇئامىلە قىلىپ زۇلۇم قىلاتتى، ئىسلام دىنى ئۇلارنىڭ ھەق- ھوقۇقىنى قوغدىدى. بۇ ھەدىستە بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن، ئۆزىنىڭ قىزىنىڭ يولدىشىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇ قىزنىڭ ئىددەت تۇتۇۋاتقانلىقى، ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالنىڭ زىبۇ- زىننەتتىن يىراق تۇرۇش كېرەكلىكى، لېكىن قىزىنىڭ كۆزى ئاغرىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ سۈرمە ئىشلىتىشىگە رۇخسەت بارمىدۇ؟ دەپ سورىۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ياق، دېدى ۋە تەكىتلەش ئۈچۈن تەكرارلاپ ئېيتتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئايال كىشى ئېرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىددەت تۇتۇپ ئولتۇرىدىغان مۇددەتنى ئاز قالدۇرۇپ، تۆت ئاي ئون كۈن قىلدى. بۇ قىسقا مۇددەتكىمۇ سەبىر قىلمامدۇ ئەمدى؟. جاھىلىيەتتە سىلەرنىڭ ئىددەت تۇتقانلىرىڭلار ياۋا ھايۋاننىڭ ئۇۋىسىغا ئوخشايدىغان كىچىك بىر ھۇجرىغا كىرىۋىلىپ، زىبۇ - زىننەت، خۇشپۇراق، سۇ ئىشلىتىش ۋە كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشتىنمۇ يىراق تۇراتتى، بىر يىل كىشىلەردىن ئايرىلىپ ياشايتتى ۋە ئۇ ئايالغا مەينەتچىلىكلەر ئۈستى-ئۈستىگە چاپلىشىپ كېتەتتى. ئېرى ئۆلگەن ئايالنىڭ ئىددەت تۇتۇش مۇددىتى تۈگىسە، ئۇنىڭغا ھايۋاننىڭ تىزىكى كەلتۈرۈلەتتى، ئۇ ئايال ئۇنى ئاتاتتى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت؛ ئۇ ئايال بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قىيىنچىلىق ۋە سىقىلىشلار، ئېرىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ئالدىدا ھېچنېمىگە تەڭ كەلمەيدۇ، دېگەنلىكىگە ئىشارەت ئېدى. ئىسلام دىنى كېلىپ ئۇ ئاياللارنىڭ ئاشۇ قىيىنچىلىقىنىڭ ئورنىغا نېمەت، تارچىلىقنىڭ ئورنىغا باياشاتچىلىقنى ئالماشتۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە كۆزىگە سۈرمە تارتىشتىن چەكلىنەلمىسە، ئىددەت تۇتقۇچى ئاياللارنىڭ زىبۇ - زىننەت ئىشلىتىشىگە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئايالغا رۇخسەت يوق، دېدى