ئائىشە بىنتى ئەبى بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەپلە ئىبادەتلەر ئىچىدە بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدىنمۇ بەكراق چىڭ تۇتقان ئىبادەت يوق ئىدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتى بۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتۈن نەرسىلەردىن ياخشىدۇر سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنىڭ قانچىلىك ئەھمىيەتلىك ۋە تەكىتلەنگەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ نامازنى تەكىتلىگەنلىكىنى ۋە ئۆزى ئەمەلى ئوقۇش ئارقىلىق ئۇنى يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى قاتتىق چىڭ تۇتاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئىككى رەكئەت سۈننەت دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتۈن نەرسىلەردىن ياخشىدۇر، دەپ خەۋەر بەردى