ھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى پېشىندىن ئىلگىرىكى تۆت رەكەت نامازنى تولۇق ئوقۇسا يەنى پېشىندىن ئىلگىرى تۆت رەكەت ناماز ئوقۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىپ داۋاملاشتۇرسا، پېشىندىن كېيىن تۆت رەكەت ناماز ئوقۇشنى ئادەت قىلىپ داۋاملاشتۇرسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە دوزاخنى ھارام قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ مۇكاپاتى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاخقا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلايدۇ، يەنە بىر رىۋايەتتە: ئاللاھ ئۇنىڭ گۆشىنى دوزاخقا ھارام قىلىدۇ دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇنىڭغا دوزاخ ئوتى يەتمەيدۇ دېيىلگەن. ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىدە: دوزاخ ئۇنىڭغا ھارام قىلىندى، ئوت ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ ۋە يېقىنلاشمايدۇ دېيىلگەن. ئىنسان پېشىننىڭ پەرزىدىن بۇرۇن تۆت رەكەت ۋە پەرزىدىن كېيىن تۆت رەكەت سۈننەت ناماز ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئۆز پەزلى بىلەن دوزاخقا كېرىشتىن ساقلاپ قالىدۇ