پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئىمام بولۇپ پىشىن نامىزىنى ئوقۇپ بەردى، ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىن بىرىنچى تەشەھھۇدقا ئولتۇرماي تۇرۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا جامائەتمۇ ئەگىشىپ قىيامدا تۇردى. پەيغەمبىرىمىز ئىككىنچى ئىككى رەكئەتنى تۈگىتىپ، ئاخىرقى تەشەھھۇدقا ئولتۇرۇپ ئۇنى تۈگىتىۋىدى، كىشىلەر سالام بېرىشنى ساقلاپ تۇرسا، ئولتۇرغان پېتى ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ، خۇددى نامازنىڭ ئىچىدىكى سەجدىدەك ئىككى قېتىم سەجدىگە باردى، ئاندىن سالام بەردى. ئۇ سەجدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاشلىغان تەشەھھۇدنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن سەھۋەنلىك سەجدىسى ئىدى