بۇ ھەدىستە ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەج سۈرىسى توغرىسىدا «بۇ سۈرىدە ئىككى سەجدە بارمۇ؟» دەپ سورايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ھەئە، ئۇنىڭدا ئىككى سەجدە بار» دەپ جاۋاپ بېرىپ، ئاندىن: «ئۇ ئىككىسىدە سەجدە قىلمىغان كىشى ئۇلارنى ئوقۇمىسۇن» يەنى: سەجدە قىلىشنى خالىمىغان كىشى بۇ ئىككى ئايەتكە كەلگەندە ئۇلارنى ئوقۇمىسۇن، دېگەن يەنە بىر ھۆكۈمنى قوشۇمچە قىلدى. بۇ چەكلىمە ھارام قىلىپ ئەمەس، ياقتۇرمىغانلىق ئۈچۈندۇر. تىلاۋەت قىلغاندا سەجدە قىلىش سۈننەتتۇر