ئادەم ئەۋلادلىرى قۇرئان كەرىمدە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلغان سەجدە ئايەتلىرىدىن بىرنى ئوقۇغان ۋاقتىدا ئاللاھنىڭ بۇيرىغا بويسۇنۇپ سەجدە قىلىدۇ، شەيتان قۇرئان ئوقۇغۇچىنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ، ئادەم ئەۋلادلىرى ئېرىشكەن ئىززەتكە ھەسەد قىلىپ، ئۆزى گەردەنكەشلىك سەۋەبىدىن يوقۇتۇپ قويغان ھۆرمەتكە، ئۇچرىغان خارلىق، مالامەتكە ھەسرەتلىنىپ يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ۋاي ئېسىت! ئادەم ئەۋلادلىرى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدى، سەجدە قىلدى، جەننەتكە ئېرىشتى، مەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلغاندا سەجدە قىلىشتىن باش تارتىم، يەنى ۋاي ئىسىت! ئاللاھ ئادەم ئەۋلادلىرىنى سەجدە قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىپ سەجدە قىلىپ جەننەتكە ئېرىشتى، مېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرىدى، مەن گەردەنكەشلىك قىلىپ، تەكەببۇرلۇق قىلىپ سەجدە قىلماي دوزاخقا ئېرىشتىم دەيدۇ