ھەدىسنىڭ مەنىسى: «ساد سۈرىسىدىكى سەجدە تەكىتلەنگەن سەجدىلەردىن ئەمەس»، يەنى: ساد سۈرىسىدىكى تىلاۋەت سەجدىسى ۋاجىپ ئەمەس بەلكى سۈننەت بولۇپ، ئۇنىڭدا سەجدە قىلىشنى تەكىتلەيدىغان بۇيرۇق كەلمىگەن، بەلكى داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سەجدىنى ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ قىلغانلىقى خەۋەر شەكلىدە كەلگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھ تائالانىڭ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنى كەچۈرۈم قىلغانلىق نېمىتىگە شۈكۈر ئېيتىپ سەجدە قىلغان، نەسائى نەقىل قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بۇ سەجدىنى داۋۇد ئەلەيھىسسالام تەۋبە قىلىپ قىلغان، بىز ئۇنى شۈكرى قىلىپ سەجدە قىلىمىز» دېگەنلىكى شۇنى كۆرسىتىدۇ