پەيغەمبەرلەر ئىنسانلار ئىچىدىن ئەڭ ئەقىللىق، تەمكىن، سەۋىرچان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان كىشىلەردۇر، لىكىن بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار ئىنسان دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمىگەن. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يۇقارقى سۈپەتلەردە ئەڭ ۋايىغا يەتكەن پەيغەمبەر. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئىنسان بولغانلىقتىن بەزىدە ئۇنتۇلۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى يۈز بىرىدۇ، بۇنىڭ ئارقىلىق ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئىابدەتتە ئۇنتۇلۇپ قالغاندىكى ئەھكاملارنى بايان قىلىپ بىرىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەسۇلۇللاھنىڭ بىر كۈنى ساھابىلەرگە پىشىن ياكى ئەسىر نامىزىنى ئوقۇپ بەرگەنلىكىنى «ئەبۇ ھۇرەيرە ئېنىق ئىسمىنى دەپ بەرگەن، لىكىن ئىبنى سىيرىين ئۇنى ئۇنتۇلۇپ قالغان» نامازنى ئىككى رەكىئەت ئوقۇپلا سالام بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ئىش مۇكەممەل بولمىسا كۆڭلى خاتىرجەم بولمايتتى، ئۇ كۆڭلۈدە نامازنىڭ بىر يېرىدە نوقسان بولغانلىقىنى ھىس قىلدىيۇ قەيەردە بولغانلىقىنى ئەسلىيەلمىدى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ مەسچىدنىڭ قىبلە تەرىپىدىكى توغرۇسىغا قويۇلغان بىر ياغاچقا يۆلىنىپ خۇددى ئەندىشە قىلغان كىشىدەك ئولتۇردى ۋە بارماقلىرىنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈردى. ئالدىرغانلار بىر ئىش يۈز بەرگەن بولسا كېرەك شۇنىڭ ئۈچۈن ناماز قىسقارتىلىپتۇ دېگىنىچە مەسچىتتىن پىچىرلاشقاچ چىقىپ كېتىشتى. بەزىلەر پەيغەمبەرلىك ئورنىنى بۈيۈك بىلگەنلىكتىن ئۇنتۇلۇپ قېلىشنى يىراق سانىغان ئىدى، بەزىلەر تەپ تارتىپ بۇ ھەقتە سۆز ئېچىشقا پېتىنالمىغان ئىدى. ئۇلار ئىچىدە ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەرلەرمۇ بار ئىدى، ئۇلارمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئىچى سىقىلغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ گەپ قىلالمىغان. بىراق ساھابىلەردىن «زۇليەدەيىن» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشى بۇ جىمجىتلىقنى بۇزۇپ رەسۇلۇللاھتىن بۇ شەكىلدە سورىدى: نامازنى ئۇنتۇلۇپ قاللىمۇ ياكى قىسقارتىلدىمۇ؟ دېدى. چۈنكى ھەر ئىككىلىسى ئىھتىماللىقى بار بولغاچقا بىرىنى كېسىپلا دېمىدى. رەسۇلۇللاھ ئويىغا ئاساسەن ھەر ئىككىلىسى بولمىدى دەپ جاۋاب بەردى. شۇ ۋاقىتتا «زۇليەدەيىن» نىڭ ئىسىدە رەسۇلۇللاھ نامازنى كەم ئوقۇلغانلىقى ئېنىق ئىدى، قىسقارتىلمىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىنى جەزىملەشتۇردى، ئۇ: بەلكى ئۇنتۇلۇپ قالدىلا، دېدى. رەسۇلۇللاھمۇ ئويلىمىغان ئىش بولغانلىقتىن ئۆز نوۋىتىدە ئۇنىڭ سۆزىنىڭ راسىتلىقىنى تەكىتلىمەكچى بولدى ۋە ساھابىلەردىن سوراپ: زۇليەدەيىن دېگەندەك ئىش بولدىمۇ؟ مەن نامازدىن ئىككى رەكەتنى ئۇنتۇلۇپ قالدىممۇ؟ دەپ ئۇنىڭ سۆزىگە شاھىد، گۇۋاھچى ئىزدىدى. ساھابىلەر: شۇنداق بولدى، دېگەندە. رەسۇلۇللاھ مىھراپقا ئۆتۈپ قېپقالغان نامازنى ئوقۇدى، سالام بېرىشتىن بۇرۇن ئولتۇرغان ھالىتىدىلا ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ناماز ئىچىدىكى سەجدىدەك ياكى ئۇزۇنراق سەجدە قىلدى، ئاندىن ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ سەجدىدىن تۇردى، ئاندىن يەنە تەكبىر ئوقۇپ ئىلگىرىكى سەجدىدەك ياكى ئۇزۇنراق سەجدە قىلدى،ئاندىن تەكبىر ئوقۇپ سەجدىدىن تۇردى ۋە سالام بەردى قايتا تەشەھھۇد ئوقۇمىدى