ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ قېنىنى تۆكۈش ھالال ئەمەس، پەقەت ھەدىستە بايان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ قېنىنى تۆكۈش ھالال. بىرىنچى: دۇرۇس بولغان نىكاھتىن كېيىن ئايالى بىلەن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى قىلىپ بولغاندىن كېيىن يات بىر ئايال بىلەن زىنا قىلغان كىشى، مۇسۇلمان بىر كىشىنى ناھەق قەستەن ئۆلتۈرگەن كىشى، مۇسۇلمانلار جامائىتىنى ۋە ئىسلامنى تاشلاپ جامائەتنىڭ بۆلۈنىشىگە سەۋەپ بولغان كىشى، ياكى شۇلارغا ئوخشاشلار. بۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەردىن باشقىلارنىڭ قېنىنى تۆكۈش ھارامدۇر. ئۇنىڭغا ئوخشاشلىرى دېگىنىمىز، ئوخشاش جىنسىلىقلارنىڭ قىلمىشى زىناخورلارنىڭ قىلمىشىغا كىرىپ كىتىدۇ، مەھرەملىرى بىلەن زىنا قىلغانلارمۇ ئوخشاشلا ئۆلتۈرىلىدۇ. سىھرگەرلەرنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈنجى تۈرگە كىرىدۇ