رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايال ۋە بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنى ئەيىپلىگەنلىكى ئۇنىڭ ھاراملىقىنى ئۇقتۇرىدۇ، بۇ ھەقتە كەلگەن بەزى ھەدىسلەردە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئايال جەڭگە قاتناشمىغان تۇرسا» بۇ جۈملە ئارقىلىق رەسۇلۇللاھ ئاياللارنى ئۆلتۈرۈشنى توسقانلىقىنىڭ سەۋەب مۇددىئاسىنى ئۇقتۇرغان، چۈنكى بەزى ئاياللاردا باتۇرلۇق ۋە شۇجائەت بولسىمۇ كۆپۈنچە ئاياللار جەڭ ۋە ئۇرۇشلارغا قاتناشماسلىقى ئادەتتۇر. ھۆكۈم ئومۇمى ئىشلارغا باغلانغان. ئەمما ئۇرۇشقا قاتناشقان ئاياللار بولسا ئۆلتۈرۈلىدۇ