ساھابىلار دەججالنىڭ پىتنىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىپ ئۇنىڭدىن ئەنسىرىشەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ يەردە ئۆزىنىڭ ساھابىلەرگە دەججالنىڭ پىتنىسىدىنمۇ بەكرەك قورقىدىغان، ساقلىنىشقا تىگىشلىك بىر ئىش بارلىقىنى، ئۇنىڭ كىشىلەرگە ئاشكارا بولمايدىغان نىيەت-مەقسەتتىكى يوشۇرۇن شېرىك ئىكەنلىكىنى دەپ بەردى، ئاندىن ئۇنى: ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئەمەلنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن چىرايلىق قىلىش، دەپ چۈشەندۈردى