مۆئمىن كىشى بىلمەي ھارامغا چۈشۈپ قىلىشتىن ئەنسىرىگەن جەھەتتىن ھالاللىقىدا شۈبھىلەنگەن نەرسىنىمۇ قىلماسلىقى كېرەك. بەلكى بىر ئاز شۈبھى بار نەرسىلەرنى تاشلاپ تامامەن ھالاللىقىغا ئىشەنگەن قەلبى، كۆڭۈل-كۆكسى خاتىرجەم بولغان ئىشلارغا يۈزلىنىشى، ھارام ۋە شۈبھىلىك سەۋەبىدىن ئىككىلىنىش بولغان ئىشلاردىن يىراق تۇرىشى لازىم