بۇ ھەدىستە ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ بېشىغا بىر ياكى ئىككى كۈننى ئۇلاپ تۇتۇشنى چەكلىگەنلىكىنى، ئەمما نورمالدا دۈشەنبە كۈنى دېگەندەك مەلۇم كۈنلەردە روزا تۇتۇشنى ئادەت قىلغان كىشىنىڭ روزىسى رامىزاننىڭ بىرەر ئىككى كۈن ئالدىغا ئۇدۇل كېلىپ قالسا، بۇنداق ھالدا ھېچقىسى يوق، چۈنكى ئىبادەتتىن ئەمەس ئىشنى ئۇنىڭغا كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت چەكلەنگەن ئىش يۈز بەرمىگەن بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بىرىدۇ. تەنبىھۇل ئەفھام (3- توم،413- بەت)، تەيسىيرىل ئەللام (313- بەت)، تەئسىسۇل ئەھكام (3- توم، 210- بەت)