ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككە تەرەپكە چىقىپ تۆگە مىنىپ زېرىكىپ قالغاندا مىنىپ راھەتلىنىدىغان ئېشىكىنى بىرگە ئىلىپ چىقاتتى، ئېشەككە مىنىپ راھەتلىنىپ بولۇپ تۆگىسىگە مىنەتتى، بىر كۈنى ئۇ يولدا بىر ئەئرابىيغا ئۇچراشتى، ئىبنى ئۆمەر ئۇنىڭدىن: «سەن پالانچىنىڭ ئوغلى پالانىمۇ؟ » دەپ سورىدى، ئەئرابى: «ھەئە» دېدى، ئىبنى ئۆمەر ئېشەكتىن چۈشۈپ: «بۇ ئېشەككە مىنگىن» دېدى ۋە بېشىغا ئورايدىغان سەللىسىنىمۇ بېرىپ: «بۇ سەللىنى ئورىغىن» دېدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ بەزى ھەمراھلىرى: ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن ياكى ئاللاھ سېنى مەغپىرەت قىلسۇن! ئۇلار دېگەن ئەئرابىلار، ئۇنچە قىلمىساڭمۇ رازى بولىدۇ، دېدى، يەنى: «سەن ئېشەكتىن چۈشۈپ پىيادە كېتىۋاتىسەن، بېشىڭغا ئورايدىغان سەللەڭنىمۇ بېرىۋەتتىڭ، ئەئرابى دېگەن بۇنىڭدىنمۇ ئازراق نەرسە بەرسەڭمۇ رازى بولۇپ كېتەتتى» دېمەكچى ئېدى، ئۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە: «ھەقىقەتەن ياخشىلىقنىڭ ئەڭ ئېسىلى بىر كىشىنىڭ ئاتىسى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرگە قىلغان ياخشىلىقىدۇر» دېگەن، يەنى: ھەقىقەتەن ياخشىلىقنىڭ ئەڭ ئېسىلى بىر كىشىنىڭ ئاتىسى ياكى ئانىسى ياكى يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ۋاپات بولسا ئۇ ياخشى كۆرگەن كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىدۇ، يەنى پەقەت ئۇنىڭ دوستىغىلا ئەمەس بەلكى دوستىنىڭ يېقىنلىرىغىمۇ ياخشىلىق قىلىدۇ، ئىبنى ئۆمەر: «بۇنىڭ ئاتىسى ئاتام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دوستى ئىدى» دېگەن، ئەئرابىنىڭ دادىسى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دوستى بولغاچقا دادىسى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دوستلىقىنى قەدىرلەپ شۇنداق قىلغان ئىدى