ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەمەن ئەھلىدىن ئىسلام قوشۇنلىرىغا ئۇرۇشتا ياردەم بېرىدىغان غازاتچىلار جامائەتلىرى كەلگەندە ئۇلاردىن: سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۇۋەيىس ئىبنى ئامىر بارمۇ؟ دەپ سورايتتى. ئاخىرى ئۇۋەيس رەھىمەھۇللاھ يېتىپ كەلگەندە، ئۆمەر ئۇنىڭدىن: سەن ئۇۋەيس ئىبنى ئامىرمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ھەئە، دېدى. ئۆمەر: سەن مۇراد قەبىلىسىنىڭ قەرەن دېگەن يىرىدىنمۇ؟ دېگەندە، ئۇ: ھەئە، دېدى. ئۆمەر: ئاق كېسىلىڭدىن بىر تەڭگىچىلىك جايدىن باشقا ھەممە يېرىڭ ساقايدى، شۇنداقمۇ؟ دېگەندە. شۇنداق، دېدى. ئاناڭ بارمۇ؟ دېگەندە. ھەئە، دېدى. ئۆمەر: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەرگە ئۇۋەيس ئىبنى ئامىر يەمەن ئەھلىنىڭ مۇراد قەبىلىسىنىڭ قەرەن دېگەن يىرىدىن كەلگەن ياردەمچى قوشۇنى بىلەن بىللە كېلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ ئاق كېسىلىدىن تەڭگىچىلىك جايدىن باشقا ھەممە يېرىگە شىپالىق بەرگەن. ئۇنىڭ بىر ئانىسى بار، ئۇ ئانىسىغا ۋاپادار. ئۇ بىرەر ئىشنىڭ يۈز بېرىشى ئۈچۈن ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچسە ئاللاھ بۇ ئىشنى روياپقا چىقىرىش بىلەن ئۇنىڭ قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. ئى ئۆمەر، ئەگەر قىلالىساڭ ساڭا مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىشىنى سورىغىن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۆزىدىن ئۇۋەيسنىڭ ئۆمەردىن ئەۋزەللىكى، يەنە ئۆمەرنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت بولمىغان دەپ چۈشىنىلمەيدۇ. ئۆمەرنىڭ ئۇۋەيستىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىدە ئالىملارنىڭ ئىجماسى بار. چۈنكى ئۇ تابىئى، ساھابە تابىئىلاردىن ئەۋزەل. ئەمما يۇقىرىدىكى ھەدىسنىڭ مەزمۇنى ئۇۋەيسنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى، ئۆمەرنىڭ ياخشىلىقنى زىيادە قىلىشقا يول كۆرسەتكەنلىكىنى، دۇئاسى ئىجابەت بولىدىغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى غەنىمەت بىلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئادەم ئەۋلادىنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى تۇرۇپ بىزنى ئۆزىگە دۇئا قىلىشقا، دۇرۇت ئوقۇشقا ۋە ئۆزىگە يىقىنچىلىق سوراشقا بۇيرىغىنىغا ئوخشايدۇ. كىيىن ئۆمەر ئۇنىڭ ئۆزىگە مەغپىرەت تىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇۋەيس ئۇنىڭغا مەغپىرەت تىلىدى. ئۆمەر ئۇنىڭدىن: قەيەرگە بارماقچى؟ دەپ سورىدى. ئۇ: كۇفەگە، دېدى. ئۆمەر: كۇفەنىڭ ۋالىسىغا مۇسۇلمانلار خەزىنىسىدىن ساڭا يەتكۈدەك خىراجەت بېرىشى ئۈچۈن بىر پارچە خەت يېزىپ بېرەيمۇ؟ دېگەندە، ئۇ: مەن ئادەتتىكى كىشىلەردىن ۋە كەمبەغەللەردىن بولۇشنى ياخشى كۆرىمەن، دېدى. كېلەركى يىلى كۇفىنڭ ئابرۇيلۇق كىشىلىرىدىن بىرى ھەجگە بېرىپ، ئۆمەر بىلەن ئۇچراشتى. ئۆمەر ئۇنىڭدىن ئۇۋەيس ھەققىدە سورىغانىدى، ئۇ : ئۇ ئۆي-ماكانى ناچار ۋە سەرەمجانلىرى ئاز ھالدا قېلىپ قالدى، دەپ جاۋاب بەردى. ئۆمەر: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەرگە ئۇۋەيس ئىبنى ئامىر يەمەن ئەھلىنىڭ مۇراد قەبىلىسىنىڭ قەرەن دېگەن يىرىدىن كەلگەن ياردەمچى قوشۇنى بىلەن بىللە كېلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ ئاق كېسىلىدىن تەڭگىچىلىك جايدىن باشقا ھەممە يېرىگە شىپالىق بەرگەن. ئۇنىڭ بىر ئانىسى بار، ئۇ ئانىسىغا ۋاپادار. ئۇ بىرەر ئىشنىڭ يۈز بېرىشى ئۈچۈن ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچسە ئاللاھ بۇ ئىشنى روياپقا چىقىرىش بىلەن ئۇنىڭ قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. ئى ئۆمەر، ئەگەر قىلالىساڭ ساڭا مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىشىنى سورىغىن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، دېدى. ئۇ كىشى ئۇۋەيسنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن ئۈچۈن ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلىگىن، دېدى، ئۇۋەيس: سەن ياخشى سەپەردىن يېڭىلا كەلدىڭ، سەن مەن ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، دېدى. ئۇۋەيس ئۇنىڭ ئۆمەر بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى پەرەز قىلىپ ئۇنىڭدىن: سەن ئۆمەر بىلەن ئۇچراشتىڭمۇ؟ دېدى. ئۇ: ھەئە، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇۋەيس ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئىشنى كىشىلەر بىلىپ قېلىپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلگىلى تۇردى.ئۇۋەيس ئۇ يەردىن كىشىلەر بىلمەيدىغان يەرگە كېتىپ قالدى