مىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قوينى سېغىپ، سۇتتىن ئۆزلىرىنىڭ نىسىۋىسىنى ئېچىۋىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلىپ نىسىۋىسىنى ئىچىشى ئۈچۈن ئېلىپ قوياتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە ئۇلار ئۇخلاپ قالغاندا كەلسە ئۇخلىغاننى ئويغاتمىغىدەك، ئويغاق ئاڭلىغۇدەك، ئوتتۇرا ھال ئاۋازدا سالام قىلاتتى