بۇ ھەدىس دەلىل-ئىسپاتسىز قىلىنغان داۋالارنى قۇبۇل قىلماسلىق، ئىنكار قىلغۇچىغا قەسەم ئىچكۈزۈش ھەققىدىكى مۇھىم بىر قائىدىنى بايان قىلىدۇ. بۇ بولسىمۇ ئادالەتنى ياقىلاش، ھەقىقەتنى تۇرغۇزۇش، مال ۋە جاننى قوغداش ئۈچۈندۇر. قانداق بىر كىشى دەلىل-ئىسپاتسىز بىر ئىشنى داۋا قىلسا مەيلى ئۇ كشىلىك ھوقۇق، ياكى ئىقتىسادى مۇئامىلە ئىشلىرى بولسۇن، ئىمان ۋە ئىلىم مەسىلىرى بولسۇن ئوخشاشلا ئۇنىڭ داۋاسى رەت قىلىنىدۇ