بۇ ھەدىستە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىدىكى مۇنبىرىنىڭ يېنىدا كۆزگە ئېلىنمايدىغان ئاددى نەرسە ئۈچۈن بولسىمۇ يالغان قەسەم قىلغۇچىنىڭ گۇناھى چوڭ ئىكەنلىكىنى بايان قىلغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ، چۈنكى بۇ ئورۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇلۇغلايدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇ مۇنبەردە تۇرۇپ دېگەن ۋەز-نەسىھەتلىرى ئەسلىنىدىغان جاي بولۇپ، يالغان قەسەم قىلغۇچى مۇشۇ سۈپەتلەرنىڭ ئەكسىنى قىلىپ، مۇشۇ جازاغا لايىق بولدى، گۇناھكار قىلىدىغان قەسەم قەيەردە يۈز بەرسە غەزەپكە دۇچار قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلۇغ ئورۇندا قىلىنغاننىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ