ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىغا تالاش-تارتىش قىلىپ كەلگەن بىر توپ كىشىلەرنى قەسەم ئىچىشكە تەكلىپ قىلغان، ئۇلاردىن ھەر ئىككى تەرەپ قەسەم ئىچىشكە ئالدىرىغاندا قايسى بۇرۇن قەسەم قىلىش ئۈچۈن، ئۇلار ئارىسىدا چەك تاشلاشقا بۇيرىغان، بۇ ھەدىستىن شۇ ئىپادىلىنىدۇكى، ئىككى كىشى ئۈچىنچى بىر كىشىنىڭ قولىدىكى نەرسىنى دەۋا قىلىپ كەلسە، ئۇلارنىڭ قولىدا ئىسپاتى بولمىسا، ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ قولىدا ئىسپات بولسىمۇ ئەمما ئۈچىنچى كىشى: مەن بۇ نەرسىنىڭ بۇ كىشىنىڭمۇ ياكى ئاۋۇ كىشىنىڭمۇ بۇنى بىلمەيمەن دېگەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئىككى داۋاگەرنىڭ ئارىسىدا چەك تاشلاش بىلەن ھۆكۈم قىلىنىدۇ، چەك قايسىسىغا چىقسا شۇ كىشى قەسەم قىلىپ بېرىپ دەۋا قىلغان نەرسىسىنى ئالىدۇ