ھۇزەيل قەبىلىسىدىن ئىككى كۈندەش ئايال جىدەللىشىپ قالدى، بىرى يەنە بىرىنىڭ قورسىقىغا ئادەتتە ئۇنىڭ بىلەن ئادەم ئولمەيدىغان كىچىك بىر تاشنى ئاتقان ئىدى، ئۇ ئايال ۋە قورسىقىدىكى بالىسى ئۆلۈپ قالدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھامىلىگە بىر قۇل ياكى بىر دېدەك تولەم بېرىش بىلەن ھۆكۇم قىلدى. مەيلى ئۇ ھامىلە قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن. بۇ دىيەتنى ئۆلتۈرگۈچى ئايال بېرىدۇ. ئەمما ئۆلگۈچى ئايالنىڭ دىيىتى تولۇق دىيەت بولىدۇ. چۈنكى ئۇ يېرىم قەستەنلىك بولغانلىقتىن، ئۇنى قاتىل ئايالنىڭ ئەر ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىرىدۇ، سەۋەبى ئۇرۇق-تۇققانلار ئالاقىسى ياردەملىشىش ۋە غەمخورلۇق قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان. ھەم بۇ قاتىللىقتا يېرىم قەستەنلىك بار. ئۆلگۈچىنىڭ دىيىتى مىراس بولۇپ باللىرىغا ۋە ئۇنىڭ بىلەن مىراس ئالىدىغانلاغا بېرىلىدۇ. ئۇرۇق-تۇققانلارغا ھېچ نەرسە بىرىلمەيدۇ. قاتىلنىڭ دادىسى ھەمەل ئىبنى نابىغە: ئى رەسۇلۇللاھ! قورساقتىن چۈشۈپ كەتكەن، يېمىگەن، ئىچمىگەن، سۆزلەپمۇ باقمىغان، تىرىك ئىكەنلىكى بىلىنمىگەن تۆرەلمىگە قانداقسىگە تۆلەم تۆلەيمىز؟ دەپ قاپىيە ئۇسلۇبى بىلەن بايان قىلدى. ئۇنىڭ قاپىيىلىك سۆزلىرىنى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆچ كۆردى. چۈنكى ئۇنىڭدا شەرىئەت ئەھكامىنى بۇ قاپىيداش كاھىنلارنىڭ سۆزلىرى بىلەن رەت قىلغان ئىدى. كاھىنلار بۇنىڭغا ئوخشىغان سۆزلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ مال مۈلىكىنى ناھەق يەيتتى