بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەستەنلىككە ئوخشاش ئادەم ئۆلتۈرگەننىڭ دىيىتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئادەتتە ئادەم ئۆلتۈرۈلمەيدىغان ھاسا، تاش قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئاتقان ياكى ئۇرغان بولسا، ئەمما ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلمىغان، بۇنىڭ دىيىتى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەننىڭ دىيىتىگە ئوخشاش ئېغىر بولىدۇ، دىيەتنىڭ مىقدارى: يۈز تۆگە بولىدىغانلىقى بۇنىڭدىن ئوتتۇزى تۆت ياشنى تولۇقلاپ بەش ياشقا قەدەم باسقان چېشى تۆگە، ئوتتۇزى ئۈچ ياشنى تولۇقلاپ تۆت ياشقا قەدەم باسقان چېشى تۆگە، قىرىقى بوغاز تۈگە بولىدۇ، قەستەنلىككە ئوخشاش ئادەم ئۆلتۈرۈش دېگەنلىك كۆپ ۋاقىتلاردا قورال كۆتۈرمەستىن، بىر-بىرىگە دۈشمەنلىك قىلماستىن، ئۆچمەنلىك قىلماستىن يۈز بېرىدۇ. بۇ ئىش شەيتاننىڭ كىشىلەر ئارىسىدا ئىغۋاگەرلىك قىلىشى، ۋەسۋەسە قىلىشى، بىر-بىرىنى مازاق قىلىشى ۋە چاقچاق قىلىشى نەتىجىسىدە جىدەل بولىدۇ، بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلمىسىمۇ كىشىلەر ئارىسىدا ھەقسىز قان تۆكۈلۈش شەكىللىنىدۇ