رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككە پەتھى قىلىنغان كۈنى مۇسۇلمانلارغا شۇنى جاكارلىدى، جاھىلىيەت قالدۇقلىرىدىن پەخىرلىك، ئېسىل-پەزىلەت دەپ قارايدىغان ھەر قانداق ئىشلار ئىتىبارسىز بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەجىر-ساۋاب بېرىلمەيدۇ. پەقەت ھاجىلارغا سۇ بىرىش ۋە ھەرەمنىڭ خىزمىتىنى قىلىش قاتارلىق بۇ ئىككى خىزمەت شەرىئەت ئۇنىڭغا ئەجىر-ساۋاب بەلگىلەيدىغان ئىشتۇر، دېدى. ھەرەمنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش جاھىلىيەتتە ئابدۇددار قەبىلىسىنىڭ قولىدا ئىدى. ھاجىلارغا سۇ بىرىش بەنى ھاشىمنىڭ قولىدا ئىدى. رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككى خىزمەتنى ئۆز ئىگىلىرىدە قويدى. رەسۇلۇللاھ ئاندىن سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشنى بايان قىلىپ، ئۇ بولسا ئادەتتە، ئادەم ئۆلتۈرگىلى بولمايدىغان نەرسىلەر بىلەن بىر كىشىنى ئۇرسا، قامچا ياكى ھاسا دېگەندەك، شۇ سەۋەبتىن ئۇ كىشى ئۆلۈپ قالسا، قاتىل ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىگە ئېغىر دىيەت تۆلىشى كېرەك. ئۇ دىيەت بولسا يۈز تۆگە، ئۇنىڭ قىرىقى بوغاز تۆگە بولىشى شەرتتۇر