جۈمە كۈنى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھېيىت كۈنى بولغانلىقتىن، شەرىئەت نازىل قىلغۇچى مۇسۇلمانلارنى، مەيلى روزا مەيلى ناماز بولسۇن بۇ كۈنگە خاس قىلىپ ئادا قىلىشتىن چەكلىدى. پەقەت بىر كىشى ئۇ كۈندە روزا تۇتماقچى بولسا پەيشەمبە ياكى شەمبە كۈنىنى قوشۇپ تۇتسا بولىدۇ، ياكى تۇتۇپ كېلىۋاتقان روزىلىرى جۈمەگە توغرا كېلىپ قالسا ئۇ ۋاقىتتا دۇرۇس بولىدۇ. بۇنىڭدىكى شەرىئەتنىڭ ھېكمىتى؛ ئاۋام خەلق باشقا كۈنلەرگە كۆرە جۈمە كۈنىدە مۇئەييەن بىر ئىبادەتنى ئارتۇق قىلىش پەرز ئىكەن دەپ ئويلاپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر