ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنبەردە خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىزدە ئوقۇيدىغان قۇرئان كەرىم ۋە بۇ ۋاراقچىدىن باشقا نەرسە يوق دەپ ئۇنى ئېچىپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭدا تۆگىنىڭ دىيەتلىرى، يارىلاندۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر ۋە ھۆكۈملىرى بار ئىكەن. يەنە ئۇنىڭدا رەسۇلۇللاھنىڭ مەدىنىنى ئېيىر تېغىدىن سەۋىر تېغىغىچە مەككىگە ئوخشاش ھارام قىلغانلىقى، كىم ئۇ يەردە دىندا يوق بىدئەتلەرنى پەيدا قىلسا ياكى مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت بېرىشكە سەۋەب بولغان بولسا ياكى دىندا يوق بىر ئىشنى پەيدا قىلغان بىدئەتچىنى قانات ئاستىغا ئالغان بولسا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لەنىتىنىڭ بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ پەرز ۋە نەپلە ئىبادىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان. يەنە ئۇنىڭدا: مۇسۇلماننىڭ كاپىرغا بەرگەن ئامانلىقى تونۇشلۇق شەرتلىرى بىلەن بولسا ھىمايە قىلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇ كاپىرغا مەزكۇر مۇددەت ئىچىدە چېقىلىشنىڭ ھاراملىقى كۆرسىتىلگەن. كىم مۇسۇلماننىڭ ئامانلىقىنى بۇزۇپ، كاپىرغا چېقىلسا ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لەنىتى بولىدۇ. قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭ پەرز ۋە نەپلە ئىبادىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ. كىم دادىسىدىن باشقا ئادەمنى دادام دەپ تۇرۇۋالسا ياكى ئازات قىلىپ قويغان ئادەمدىن باشقىسىنى خوجايىنىم مۇشۇ دەپ تۇرۇۋالسا ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لەنىتى بولىدۇ. قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭ پەرز ۋە نەپلە ئىبادىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئازات قىلىپ قويۇشتىن ئىبارەت نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلغانلىق سەۋەبىدىن، مىراسخۇرلۇق ۋە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھەققىنى زايا قىلىۋەتكەن