ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە پەرقلىق قىلىپ سېتىش جازانە بولغاچقا، ئىككىسىنىڭ ئېغىرلىقى تەڭ بولمىسا ئېلىپ-سېتىش چەكلەندى، ئەمما سودا مەيدانىدا نەخ ئېلىش ۋە تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن كۈمۈشنى ئالتۇنغا، ئالتۇننى كۈمۈشكە پەرقلىق بولسىمۇ سېتىشقا بولىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا چەكلەنگەن نېسى جازانىسى بولىدۇ، چۈنكى تۈر پەرقلىق بولسا ئارتۇق-كەم قىلىپ سودا قىلسا بولىدۇ. ئەگەر ئىلىم-سېتىم قىلىنغان ئالتۇن-كۇمۇشنى سودا بولغان ۋاقىتتا قولغا نەخ ئىلىش شەرت قىلىنمىغىنىدا جازانىغا ئىلىپ بارىدۇ.