بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جازانىنىڭ نېسى سېتىش ۋە ئارتۇق سېتىشتىن ئىبارەت بولغان ئىككى تۈرىدىن چەكلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالتۇننى ئالتۇنغا مەيلى ساپ ئالتۇن بولسۇن ياكى ئىشلەنگەن ئالتۇن بولسۇن بىرىنى بىرىگە تېگىشكەندە تەڭمۇ تەڭ، ئوخشاشنى ئوخشاش ۋە نەخمۇ نەخ بىر سورۇندا قولمۇ قول بولۇش كېرەك، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا دۇرۇس بولمايدۇ، شۇنىڭدەك بىرى نەخ يەنە بىرى نېسى بولسا دۇرۇس بولمايدۇ، يەنە كۈمۈشنى كۈمۈشكە مەيلى ئۇ ساپ كۈمۈش بولسۇن ياكى ئىشلەنگەن كۈمۈش بولسۇن ئوخشاش بولۇش، بىر سورۇندا بولۇش، نەخمۇ نەخ تاپشۇرۇپ ئېلىش كېرەك، بىرىنى يەنە بىرىدىن ئارتۇق قىلىشقا شۇنىڭدەك تولۇق تاپشۇرۇپ ئالماستىن بۇرۇن سورۇندىن ئايرىلماسلىق كېرەك