رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە خەبەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئىنسانلار ئىپتار قىلىشقا ئالدىرايدىكەن، ئۇلار دائىم ياخشىلىقتا بولىدۇ، ئىپتارنى بۇرۇن قىلىش بولسا سۇننەتكە ئەمەل قىلغانلىق. ئەگەر ئىپتارنى كىچىكتۈرسە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە خىلاپلىق قىلغان بۇلىدۇ، ئۇلار رەسۇلۇللاھ چىڭ ئېسىلىشنى تەۋسىيە قىلغان بۇ سۈننەتلەرنى تەرىك قىلىش سەۋەبلىك ياخشىلىقتىن مەھرۇم قالدى