رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئىككى ھەدىستە بامدات نامىزىدىن كېيىن كۈن چىقىپ، تىكلەنگەن نەيزە بويىغا قەدەر ئۆرلىمىگۈچىلىك ناماز ئوقۇشتىن توسقان، بۇ كۈن چىققان ۋاقىتتىن 5-تىن15مىنۇتقۇچە دەپ بەلگىلىگەن. يەنە رەسۇلۇللاھ ئەسىر نامىزىدىن كېيىن كۈن پاتقانغا قەدەر ناماز ئوقۇشتىن توسقان يەنى شام نامىزىغا ئەزان ئوقۇشتىن بىر قانچە مىنۇت ئىلگىرى ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن، چۈنكى كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان ۋاقىتلاردا مۇشرىكلار ئىبادەت قىلاتتى بۇ ۋاقىتلاردا ناماز ئوقۇش ئۇلارغا ئوخشىغانلىق بولۇپ قالىدۇ، رەسۇلۇللاھ بىزنى ئىبادەتتە باشقا دىندىكىلەرگە ئوخشىۋېلىشتىن توسقان، كىمىكى بىر قەۋىمگە ئوخشىۋالسا ئۇ شۇلاردىن بولىدۇ، دېگەن